UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتگۇۋاھلىق بېرىشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

گۇۋاھلىق بېرىشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ياكى باشقىلارنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە كۈشكۈرتۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال دەۋا پائالىيىتى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ياكى كۈشكۈرتۈش، پارا بېرىپ سېتىۋېلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈپ، گۇۋاھلىق بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكىتىن شەكىللىنىدۇ. 307 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان ياكى باشقىلارنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە كۈشكۈرتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشى، ئويدۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئەدلىيە خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى سادىر قىلغانلىرىغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى 49 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇۋاھچىنىڭ ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم. گۇۋاھچىنى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تەھدىت سېلىپ، ھاقارەتلەپ، ئۇرۇپ ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ قىلمىشى جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىقنى باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى 102 - ماددا (مەزكۇر كىتابنىڭ 377 - بېتىدىكى <يالغان گۇۋاھلىق بېرىش جىنايىتى> دىن پايدىلىنىڭ)
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت