UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى

ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئۆچ ئېلىپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش غەرىزى ياكى باشقا شەخسىي غەرەز بىلەن ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى ۋەيراق قىلغان، تېرىلغۇ ئۇلاغلىرىنى ناكار قىلغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئۇرۇنلارنىڭ مال - مۈلۈكككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قەستەن ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى ۋەيراق قىلغان، تېرىلغۇ ئۇلاغلىرىنى ناكار قىلغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 276 - ماددا ئۆچ ئېلىپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش غەرىزى ياكى باشقا شەخسىي غەرەز بىلەن ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى ۋەيران قىلغان، تېرىلغۇ ئۇلاغلىرىنى ناكار قىلغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت