UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتھەربىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىش جىنايىتى

ھەربىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە، يالغاندىن رەسمىي ھەربىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىناۋىتىگە، ئىجتىمائىي مەنپەئەتكە ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ھەربىيلەرنىڭ ئىناۋىتى ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە يالغاندىن ھەربىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقانلاردىن باشقىلارلا بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 372 - ماددا ھەربىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ كۆز بويامچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ھەربىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki