UyghurWiki›422 جىنايەت›دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ توختام تۈزۈش، ئىجرا قىلىشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئالدىنىپ قېلىش جىنايىتى
دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ توختام تۈزۈش، ئىجرا قىلىشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئالدىنىپ قېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ توختام تۈزۈش، ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن ئالدىنىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دۆلەت ئورگىنى پائالىيىتىنىڭ كەسپىي پائالىيىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ توختام تۈزۈش، ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن ئالدىنىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
406 - ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن توختام تۈزۈش، ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئالدىنىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
(1) سالغان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛
(2) دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان باشقا قىلمىشلار بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئادددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئىككى مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا.