زەھەر جىنايىتى ئۆتكەزگەنلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانات ئاستىغا ئالغان قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتىكى نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانات ئاستىغا ئالغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قانات ئاستىغا ئالغان بولىدۇ.
349 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلار، جىنايەتچىلەرنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمىنى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تاپقان پۇل - مېلىنى ساقلاپ، يۆتكەپ ۋە يوشۇرۇپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىرىنى تۇتقۇچىلار ياكى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى باشقا خادىملاردىن زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قوغدىغان، قانات ئاستىغا ئالغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلار زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
356 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىك ئۇقتۇرۇشى
(1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
س