UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتباشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلىشىش جىنايىتى

باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلىشىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - زورلۇق قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن باشقىلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش، نىكاھلىنىش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەركىنلىكىگە ئارىلاشقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى چوقۇم زورلۇق قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئارىلاشقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 257 - ماددا باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلاشقانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 1 - تارماقتىكى جىنايەت ئەرز قىلىنغاندىلا سورىلىدۇ. 98 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دەۋا قىلىنغاندىلا سوراش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەۋاقىلغاندىلا سوراشنى كۆرسىتىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زورلۇق ۋە تەھدىتكە ئۇچراپ دەۋا قىلالمىغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى 47 - ماددا ياشانغانلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلىشىۋالغان ياكى ياشانغانلارنى بېقىش ۋە ئۇلارغا يار - يۆلەك بولۇش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇقلۇق بېقىش، يار - يۆلەك بولۇشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت