UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئەتىۋارلق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش جىنايىتى

ئەتىۋارلق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا دائىر قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش قىلمىشىغا قارىتىلغان. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى نۇقتىلىق قوغداش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار( بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 341 - ماددا 1 - تارماق دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەنلەرگە ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان ۋە ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىك 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى مۇھاپىزەت قىلىش قانۇنى (1998 - يىل 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى) 31 - ماددا دۆلەت نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى دۆلەت نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئەتىۋارلىق، نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) 3 - ماددا ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان، ئۆلتۈرگەن، سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى <قىلمىشى ئېغىر> دەپ ھېسابلىنىدۇ: (1) مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ قوشۇمچە جەدۋىلىدە كۆرسىتىلگەن مۇناسىپ مىقدار ئۆلچىمىگە يەتكەنلىرى؛ (2) تۈرى ئوخشاش بولمىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان، ئۆلتۈرگەن، سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلاردىن ئىككىدىن ئارتۇق تۈرى قوشۇمچە جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن <قىلمىشى ئېغىر> نىڭ مىقدار ئۆلچىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەككە يەتكەنلىرى. ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان، ئۆلتۈرگەن، سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> دەپ ھېسابلىنىدۇ: (1) مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ قوشۇمچە جەدۋىلىدە كۆرسىتىلگەن مۇناسىپ مىقدار ئۆلچىمىگە يەتكەنلىرى؛ (2) تۈرى ئوخشاش بولمىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلرنى قانۇنسىز تۇتقان، ئۆلتۈرگەن، سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلاردىن ئىككىدىن ئارتۇق تۈرى قوشۇمچە جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> نىڭ مىقدار ئۆلچىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەككە يەتكەنلىرى. 4 - ماددا ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ، ئۆلتۈرۈپ، سېتىۋېلىپ، توشۇپ، سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى <قىلمىشى ئېغىر> دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ؛ ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قلغان ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتقان، ئۆلتۈرگەن، سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلاردىن مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 3 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغانلىرى ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ: (1) جىنايەتچىلەر گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛ (2) ياۋايى ھايۋانلارنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش، بېقىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛ (3) قوراللىق مۇھاپىزەت ئۇسۇلى بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر؛ (4) ئالاھىدە ئاپتوموبىل، ھەربىي ئاپتوموبىل قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر؛ (5)باشقا ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزگەنلەر. 7 - ماددا پارتلىتىش، زەھەر تاشلاش، ئېلېكتر تورى ئورنىتىش قاتارلىق خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن ياۋايى ھايۋان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلاردىن ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ياكى قانۇنسىز ئوۋچىلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 114 - ياكى 115 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا كېلىدىغان بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 8 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 341 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى سادىر قىلغان، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر تەرەپ قىلىشقا قارشى چىقىپ، باشقا جىنايەتلەرنىمۇ شەكىللەندۈرگەنلەرگە بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 9 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى، تۇتۇشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش كىنىشكىسى، ئوۋچىلىق كىنىشكىسى، بېقىپ كۆندۈرۈپ كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ ۋە ئېلىپ - سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنى 280 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش ۋە ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى قىلمىشنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنايى ئىشلار قانۇنى 225 - ماددىسىنىڭ 2 - تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا كېلىدىغان بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 10 - ماددا <خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى سايۋان، ئۆسۈملۈك تۈرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى> نىڭ قوشۇمچە (1)، (2) سىدە كۆرسىتىلگەن، ئەسلىي دۆلىتىمىزدىن چىقمايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان، ئۆلتۈرگەن، سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلاردىن <قىلمىشى ئېغىر>، <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> لىرىنى بېكىتىش ئۆلچىمىدە مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 3 -، 4 - ماددىسى، شۇنىڭدەك قوشۇمچە خەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دۆلەت 1 -، 2 - دەرىجىلىك قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى بېكىتىش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دۆلەت 1 -، 2 - دەرىجىلىك قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋان بولمىسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىدىكى دۆلەت 1 -، 2 - دەرىجىلىك قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى بېكىتىش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىدۇ. 11 - ماددا ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتى دۆلەتنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ بېكىتىلگەن قىممەت ئەمەلىي سودا باھاسىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئەمەلىي سودا باھاسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت