UyghurWiki›422 جىنايەت›ئۇرۇش مەزگىلىدە چاقىرىقنى، ھەربىي تەلىمنى رەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش جىنايىتى
ئۇرۇش مەزگىلىدە چاقىرىقنى، ھەربىي تەلىمنى رەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىي مەجبۇرىيەتتىكىلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە چىقارغان ھەربىي چاقىرىقنى ياكى ھەربىي تەلىماتنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي چاقىرىقنى ياكى ھەربىي تەلىماتنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى زاپاس خادىملار بولىدۇ (خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا قاتناشقان ياكى ھەربىي مەجبۇرىيەتكە تىزىملانغان پۇقرالار بولىدۇ، ئۇ زاپاس ئوفىتسېر ۋە زاپاس ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
376 - ماددا 1 - تارماق ئۇرۇش مەزگىلىدە چاقىرىقنى ياكى ھەربىي تەلىمنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ھەربىي مەجبۇرىيەتتىكىلەرنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.