UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتجامائەتنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى

جامائەتنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ جامائەتنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋېلىپ، قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ياكى جامائەتنىڭ كۆپرەك پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئاشقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكت، يەنى دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىسىنىڭ پاكلىق تۈزۈمى ۋە جامائەت مال - مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن، يەنى جامائەت مال - مۈلكىنى ئىدارە قىلىدىغان، بېجىرىدىغان، باشقۇرىدىغان قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، جامائەتنىڭ پۇلىنى شەخسىي ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - دۆلەت خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاسىتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 384 - ماددا دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ جامائەتنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋېلىپ، قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا ياكى جامائەتنىڭ كۆپرەك پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ پايدا ئېلىش ھەرىكىتىدە بولغان بولسا ۋە ياكى جامائەتنىڭ كۆپرەك پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، جامائەتنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. بۇنداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جامائەتنىڭ ناھايىتى كۆپ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئاپەتتىن ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئېتىبار بېرىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالە كۆچۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش پۇل - ماللىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋالغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 185 - ماددا سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، قەرەللىك مال سودا ئورنى، ئاكسىيە شىركىتى، قەرەللىك مال ۋاسىتە شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئورنىنىڭ ياكى مۇئامىلىدارلارنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغانلىرىغا، مۇشۇ قانۇننىڭ 272 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. دۆلەت سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، قەرەللىك مال سودا ئورنى، ئاكسىيە شىركىتى، قەرەللىك مال ۋاسىتە شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خادىملىرىدىن ۋە دۆلەت سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، قەرەللىك مال سودا ئورنى، ئاكسىيە شىركىتى، قەرەللىك مال ۋاسىتە شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئاپپاراتلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلگەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغان، مۇشۇ قانۇننىڭ 384 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 272 - ماددا شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋالغان ياكى باشقىلارغا قەرز بەرگەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان، ئۈچ ئايدىن ئاشقىچە قايتۇرمىغانلىرىغا ياكى ئۈچ ئايدىن ئاشمىغان بولسىمۇ مىقدارى كۆپرەك بولغان، پايدا تېپىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ياكى قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئۆز ئورنىنىڭ ناھايىتى كۆپ مەبلىغىنى ئىشىلىتىۋالغانلار ياكى كۆپرەك مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا، مۇشۇ قانۇننىڭ 384 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 271 - ماددا شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ پۇل - ماللىرىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىدىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ. دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت، كارخانا ۋە ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 382 -، 383 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە، مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 93 - ماددىسى 2 - تارمىقى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى <خىيانەتچىلىك جىنايىتى> (مۇشۇ كىتابنىڭ 153 - بېتى) گە قاراڭ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى جامائەتنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتىدىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش لازىم؛ (1) جامائەتنىڭ 5000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولغان پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋېلىپ، قانۇنسىز ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛ (2) جامائەتنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە بولغان پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋېلىپ، شەخسىي پايدا تېپىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛ (3) جامائەتنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە بولغان پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋېلىپ، ئۈچ ئايدىن ئاشقىچە قايتۇرمىغان بولسا. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، يۇقىرىقى سومما مىقدارى ئىچىدە، ئۆز رايونىدا ئىجرا قىلىنىدىغان كونكرېت سومما ئۆلچىمىنى بەلگىلىسە بولىدۇ ھەمدە ئۇنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. <جامائەت پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش> دېگەنلىك، ئىشلىتىۋالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىتىشىنىمۇ، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جامائەت پۇلىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغان بولسا، ئىشلىتىۋالغان جامائەت پۇلىنىڭ مىقدارى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ جامائەت پۇلىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىۋالغان ھەمدە كېيىن ئىشلىتىۋالغان جامائەت پۇلى ئارقىلىق ئالدىنقى قېتىم ئىشلىتىۋالغان جامائەت پۇلىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغان بولسا، ئىشلىتىۋالغان جامائەت پۇلىنىڭ مىقدارىنى دېلو سېزىلگەندە قايتۇرمىغان سومما مىقدارى بويىچە بېكىتىش كېرەك. جامائەت پۇلىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىۋېتىش دېلولىرىدا، ئىشلەتكۈچى ئىشلىتىۋالغۇچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش ھەققىدە ئەقىل كۆرسەتكەن ياكى شۇنداق قىلىشنى پىلانلاشقا قاتناشقان بولسا، ئىشلەتكۈچىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋاتقان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا سۈرۈشتۈرۈش لازىم. بۇ جىنايەتكە ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى 2002 - يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان <دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلىرىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇش، سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش ئۆلچىمى> دېگەن كىتابنىڭ 50 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
جامائەتنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki