بالا ئىشچىلارنى خەتەرلىك، ئېغىر ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەك باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، 61 ياشقا توشمىغانلارنى ياللاپ ئىشلىتىپ مادارى يەتمەيدىغان ئەمگەككە ياكى ئېگىز بوشلۇق، قودۇق ئاستى مەشغۇلاتىغا ۋە ياكى پارتلاپ كېتىش، ئاسان ئوت ئېلىش، رادىئو ئاكتىپلىق، زەھەرلىنىپ قېلىشقا ئوخشاش خەتەرلىك مۇھىتتا ئەمگەككە سالغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - 16 توشمىغان ياشقا بالىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمگەك باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەك باشقۇرۇش قانۇن - نىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ 16 ياشقا توشمىغانلارنى ياللاپ ئىشلىتىپ مادارى يەتمەيدىغان ئەمگەككە ياكى ئېگىز بوشلۇق، قودۇق ئاستى مەشغۇلاتىغا ۋە ياكى پارتلاپ كېتىش، ئاسان ئوت ئېلىش، رادىئو ئاكتىپلىق، زەھەرلىنىپ قېلىشقا ئوخشاش خەتەرلىك مۇھىتتا ئەمگەككە سالغان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ بىۋاستە مەسئۇل خادىمى ھەم ئورۇن بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
244 - ماددىسىنڭ بىر تارمىقى <ئەمگەك باشقۇرۇش قانۇن - نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، 16 ياشقا توشمىغانلارنى ياللاپ مادارى يەتمەيدىغان ئەمگەككە ياكى ئېگىز بوشلۇق، قودۇق ئاستى مەشغۇلاتىغا ۋە ياكى پارتلاپ كېتىش، ئاسان ئوت ئېلىش، رادىئو ئاكتىپلىق، زەھەرلىنىپ قېلىشقا ئوخشاش خەتەرلىك مۇھىتتا ئەمگەككە سالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان بىۋاستە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.>
<ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ھادىسە پەيدا قىلغان، يەنە كېلىپ باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.>
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى
(1994 - يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى)
96 - ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرگە 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش، جەرىمانە قويۇش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
(1) ئەمگەكچىلەرنى زورلۇق بىلەن ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق زورلاپ ئىشلەتكەن بولسا؛
(2) ئەمگەكچىلەرنى ھاقارەتلىگەن، ئۇلارغا تەن جازاسى بەرگەن ۋە ئۇلارنى ئۇرغان، قانۇنسىز ئاختۇرغان ۋە قامىغان بولسا.