UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتاۋار تەكشۈرۈشتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىش جىنايىتى

تاۋار تەكشۈرۈشتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ تاۋار تەكشۈرۈش تارماقلىرى، تاۋار ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ تاۋار تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى دۆلەتنىڭ تاۋار تەكشۈرۈش تارماقلىرى، تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىدىكى خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 412 - ماددا 1 - تارماق دۆلەتنىڭ تاۋار تەكشۈرۈش تارمىقى، تاۋار تەكشۈرۈش ئاپپاراتى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىققانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە دېلو ئېچىش كېرەك؛ دۆلەتنىڭ تاۋار تەكشۈرۈش تارمىقى، تاۋار تەكشۈرۈش ئاپپاراتى خادىملىرىدىن تاۋار تەكشۈرۈش جەريانىدا شەخسىي غەرەز، خۇسۇسىي مەنپەئەتنى دەپ، تەكشۈرۈشكە يوللانغان تاۋارلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ئۆزگەرتىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ تاۋار تەكشۈرۈشتىكى ئىسپات، تامغا، بەلگە، پېچەت، سۈپەت گۇۋاھلىقى بەلگىسىگە ئوخشاش نەرسىلەر ئۈستىدە يالغان ئىسپات بەرگەن ياكى تەكشۈرۈشكە يوللانغان لاياقەتلىك تاۋارنى لاياقەتسىز دەپ ۋە ياكى لاياقەتسىز تاۋارنى لاياقەتلىك دەپ ساختا يەكۈن چىقارغانلارغا دېلو ئېچىش كېرەك. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) سالغان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ (2) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئويدۇرۇپ چىققان بولسا. 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) سالغان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ (2) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بەش قېتىمدىن ئارتۇق ئويدۇرۇپ چىققان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
تاۋار تەكشۈرۈشتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki