دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىربىنى ھاقارەتلەش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - جامائەت سورۇنلىرىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىربىنى قەستەن كۆيدۈرۈۋېتىش، بۇزۇش، جىجىش، بۇلغاش، دەسسەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھاقارەتلەش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئىززىتى ۋە دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربىنى نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى (تۈزۈمى) بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جامائەت سورۇنلىرىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربىنى قەستەن كۆيدۈرۈۋېتىش، بۇزۇش، جىجىش، بۇلغاش، دەسسەش قاتارلىق قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
299 - ماددا جامائەت سورۇنلىرىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربىنى قەستەن كۆيدۈرۈۋېتىش، بۇزۇش، جىجىش، بۇلغاش، دەسسەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى قانۇنى
(1990 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)
(مەزكۇر قانۇندىن پايدىلىنىڭ)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى قانۇنى
(1991 - يىل 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى)
(مەزكۇر قانۇندىن پايدىلىنىڭ)