UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتكومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى

كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزگەرتىش، كۆپەيتىش ۋە ئۇنىڭغا كاشىلا سېلىش يولى بىلەن كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىمەيدىغان قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى ئىقتىدارىنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، كۆپەيتىش ۋە ئۇنىڭغا كاشىلا سېلىش يولى بىلەن كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىيەلمەيدىغان قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولۇش ياكى كومپيۇتېر ئۇچۇر سىسېتمىسىدا ساقلانغان سانلىق مەلۇماتلار، بىر تەرەپ قىلىنغان يكاى يەتكۈزۈلگەن سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئەسلىي پروگراممىلارنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، كۆپەيتىۋېتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان ياكى كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتارلىق ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك پروگراممىلارنى قەستەن تۈزۈپ، تارقىتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 286 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، كۆپەيتىۋېتىش ۋە ئۇنىڭغا كاشىلا سېلىش يولى بىلەن كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىمەيدىغان قىلىپ قويغۇچىلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىدا ساقلانغان، بىر تەرەپ قىلىنغان ۋە يەتكۈزۈلگەن سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئەمەلىي پروگراممىلارنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە كۆپەيتىۋېتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتارلىق ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك پروگراممىلارنى قەستەن تۈزۈپ ۋە تارقىتىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەردىن يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش توغرىسىدىكى قاراى (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى) 1. ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (2) كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتارلىق بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى تەرتىپنى قەستەن ئىشلەپ، تارقىتىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسىغا ۋە ئالاقىلىشىش تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسى ۋە ئالاقىلىشىش تورىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار؛ (3) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر تورى ياكى ئالاقىلىشىش مۇلازىمىتىنى ئۆز مەيلىچە ئۈزۈپ قويۇپ، كومپيۇتېر تورى ياكى ئالاقىلىشىش سىستېمىسىنى نورمال يۈرۈشمەيدىغان قىلىپ قويغانلار. 5. ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، مۇشۇ قارارنىڭ 1 -، 2 -، 3 -، 4 - ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلاردىن باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 6. ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى <ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى> غا بىنائەن جازا بېرىدۇ؛ باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە ياكى ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلىدۇ. ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلەردىن باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت