UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇش جىنايىتى

ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - سەۋەنلىك بىلەن ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشقا قارىتىلغان. 1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ خەۋپسىزلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى سەۋەنلىك بىلەن ئېلېكتر ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 119 - ماددا قاتناش ۋاسىتىلىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت