UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى تاشلاپ كېتىش جىنايىتى

يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى تاشلاپ كېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدا يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى قەستەن تاشلاپ كەتكەن قەبىھ بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ھەربىيلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى مەجبۇرىيىتى ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ جەڭ قىلىش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جەڭ مەيدانىدا يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى تاشلاپ كەتكەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ھەربىيلەر بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 444 - ماددا جەڭ مەيدانىدا يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى قەستەن تاشلاپ كەتكەنلەردىن قىلمىشى قەبىھ بولغان بىۋاستە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت