UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھايىنىغا سېتىش جىنايىتى

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھايىنىغا سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - پايدا تېپىش مەقسىتىدە دۆلەت تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھايىنىغا ساتقان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانۇنسىز ھايىنىغا ساتقان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. چوقۇم دۆلەت تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇشى ھەم قىلمىشى ئېغىر بولغان بولۇشى كېرەك. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (ئورۇن ۋە شەخسلەر) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 326 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە دۆلەت تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھايىنىغا ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت