UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمۈلۈكنى ئېنىقلاشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

مۈلۈكنى ئېنىقلاشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى شىركەتنڭ مۈلكىنى ئېنىقلاش ۋاقتىدا مۈلۈكنى يوشۇرۇپ، ئاكتىپ - پاسسىپ جەدۋىلى ياكى مۈلۈك تىزىملىكىنى تەييارلاشتا ساختىلىق قىلىپ ياڭكى قەرزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ شىركەت ۋە كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى تەقسىم قىلىپ، ھەقدارلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ شىركەت، كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە كارخانا ۋە شىركەت مۈلكىنى ئېنىقلاش ۋاقتىدا مۈلۈكنى يوشۇرۇپ، پۇل - مۈلۈك ئاكتىپ - پاسسىپ جەدۋىلى ياكى مۈلۈك تىزىملىكىنى تەييارلاشتا ساختىلىق قىلىپ ياكى قەرزنى ئۈزمەي تۇرۇپ شىركەت ۋە كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى تەقسىم قىلىپ، ھەقدارلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت (شىركەت، كارخانا) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 162 - ماددا مۈلۈكنى ئېنىقلاش ۋاقتىدا، مۈلۈكنى يوشۇرۇپ، ئاكتىپ، پاسسىپ جەدۋىلى ياكى مۈلۈك تىزىملىكىنى تەييارلاشتا ساختىلىق قىلىپ ياكى قەرزنى ئۈزمەي تۇرۇپ شىركەت ۋە كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى تەقسىم قىلىپ، ھەقدارلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. قانۇن بويىچە ساقلىنىدىغان بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە - بوغالتىرلىق دوكلاتىنى يوشۇرغان ياكى قەستەن يوقىتىۋەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) شىركەت، كارخانىلارنىڭ مۈلكىنى ئېنىقلاش ۋاقتىدا، مۈلۈكنى يوشۇرۇپ، ئاكتىپ ياكى پاسسىپ جەدۋىلى ياكى مۈلۈك تىزىملىكىنى تەييارلاشتا ساختىلىق قىلىپ ياكى قەرزنى ئۈزمەي تۇرۇپ شىركەت ۋە كارخانىنىڭ مال - مۈلكىنى تەقسىم قىلىپ، ھەقدار ۋە باشقىلارنى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
مۈلۈكنى ئېنىقلاشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki