سودا مەخپىيىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھوقۇققا ئىگە كىشىنىڭ جامائەتكە بىلدۈرمەيدىغان، ھوقۇق ئىگىسىگە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىدىغان، ئەسقاتىدىغان ھەمدە ھوقۇق ئىگىسى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ۋە تىجارەت ئۇچۇرلىرى قاتارلىق سودا مەخپىيىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىپ، سودا مەخپىيىتىنى ھوقۇق ئىگىسىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - سودا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ھوقۇقى ۋە دۆلەتنىڭ نورمال بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قوغداش بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ سودا مەخپىيىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىپ، سودا مەخپىيىتىنىڭ ھوقۇق ئىگىسىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە - قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
219 - ماددا سودا مەخپىيىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سودا مەخپىيىتى ھوقۇقى ئىگىسىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاپەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) ھوقۇق ئىگىسىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش، ئازدۇرۇش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن قولغا چۈشۈرۈش؛
(2) ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈۋېلىنغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، ئىشلىتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش؛
(3) پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ئىگىسىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاشقا دائىر تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، ئىشلىتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى قولغا چۈشۈرۈۋېلىنغان، ئىشلەتكەن ياكى ئاشكارىلىغانلار سودا مەخپىيىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
مۇشۇ ماددىدا ئېيتىلغان سودا مەخپىيىتى جامائەتكە بىلدۈرمەيدىغان، ھوقۇق ئىگىسىگە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىدىغان، ئەسقاتىدىغان ھەمدە ھوقۇق ئىگىسى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ۋە تىجارەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
مۇشۇ ماددىدا ئېيتىلغان ھوقۇق ئىگىسى سودا مەخپىيىتىنىڭ ئىگىدارى ۋە سودا مەخپىيىتى ئىگىدارىنىڭ ئىجازىتى بىلەن سودا مەخپىيىتىدىن پايدىلانغۇچىنى كۆرسىتىدۇ.
220 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 213 - ماددىدىن 219 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
سودا مەخپىيىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) سودا مەخپىيەتلىكى ھوقۇق ئىگىسىنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛
2) ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلار.