UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقىيناپ سوراق قىلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش جىنايىتى

قىيناپ سوراق قىلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئەدلىيە خادىملىرىدىن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى قىيناپ تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبېيكتى - پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى قىيناپ تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىپ ئىقرار قىلدۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - دۆلەت ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 247 - ماددا ئەدلىيە خادىملىرىدىن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى قىيناپ سوراق قىلىپ ئىقرار قىلدۇرغانلىرى ياكى زورلۇق ئىشلىتىپ گۇۋاھچىلاردىن گۇۋاھلىق ئالغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 234 - ماددا باشقىلارنىڭ تېنىنى قەستەن زەخىملەندۈرگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى پەۋقۇلئاددە ۋەھشىي ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىر مېيىپ قىلىۋەتكەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 232 - ماددا قەستەن قاتىللىق قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتشى مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك: 1) ۋاسىتىسى ۋەھشىي، تەسىرى يامان بولسا؛ 2) باشقىلارنىڭ ئۆلۈۋېلىشى ياكى ئېلىشىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛ 3) ناھەق، يالغان، خاتا دېلو پەيدا قىلغان بولسا؛ 4) ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ياكى ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنى قىيىن - قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرغان بولسا؛ 5) قىيىن - قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش ھەققىدە باشقىلارغا ئەقىل كۆرسەتكەن، ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە زورلىغان بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلوللارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. چوڭ دېلو (1) ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ياكى ئېلىشىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا؛ (2) بەش قېتىمدىن ئارتۇق ياكى بەشتىن ئارتۇق ئادەمنى قىيىن - قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرغان بولسا؛ (3) ناھەق، يالغان، خاتا دېلو پەيدا قىلغان بولسا؛ 2. پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو (1) ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولسا؛ (2) يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق ياكى يەتتىدىن ئارتۇق ئادەمنى قىيىن - قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرغان بولسا؛ (3) گۇناھسىز ئادەمگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشكە سەۋەبچى بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قىيناپ سوراق قىلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki