UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتزورلۇق بىلەن قان ساتقۇزۇش جىنايىتى

زورلۇق بىلەن قان ساتقۇزۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باشقىلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن قان ساتقۇزغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن باشقىلارنى مەجبۇرلاپ قان ساتقۇزغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 333 - ماددا باشقىلارنى قان سېتىشقا قانۇنسىز ئۇيۇشتۇرغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارنى زورلۇق ئىشلىتى، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن قان ساتقۇزغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن باشقىلارنى زەخىملەندۈرگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 234 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت