ئەسىرلەرنى خورلاش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ ھەربىيلەرنىڭ ئەسىرلەرنى خورلاش ئەھۋالى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ ئۇرۇش مەنپەئىتى ۋە ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ھەم ئارمىيىنىڭ ئەسىرلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئەسىرلەرنى تەن ۋە روھىي جەھەتتىن ئازابلاپ، قىيناپ ھەم تۇرمۇشتا ئىنسانپەرۋەرلىك بولمىغان مۇئامىلىدە خورلاش قىلمىشىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئارمىيىمىزنىڭ ئەسىرلەرنى باشقۇرۇش خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
448 - ماددا ئەسىرلەرنى خورلاش قىلمىشى قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ