يالغان دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان يالغان دورا ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبېيكت بولىدۇ، يەنى دۆلەتنىڭ دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خاسلىققا ئىگە بولمىغان نۇغۇن ئادەملەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ دورىلارنى باشقۇرۇش قانۇن - نىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، يالغان دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر ھالدا خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكت جەھەتتە پەقەت قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
141 - ماددا كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان يالغان دورا ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىكى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا ياكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
بۇ ماددا ئېيتىلغان يالغان دورا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يالغان دورا ھېسابلىنىدىغان ۋە يالغان دورا قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان دورىلارنى، دورا ئەمەس نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.