UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدەل - دەرەخلەرنى كەلسە - كەلمەس كېسىش جىنايىتى

دەل - دەرەخلەرنى كەلسە - كەلمەس كېسىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورماننى ۋە باشقا دەل - دەرەخلەرنى كەلسە - كەلمەس كەسكەن مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئورمانچىلىق بايلىقىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئورمان قوغداش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئورمان ۋە باشقا دەل - دەرەخلەرنى كەلسە - كەلمەس كەسكەن، مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشنى سادرى قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 345 - ماددا ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورماننى ۋە باشقا دەل - دەرەخلەرنى كەلسە - كەلمەس كەسكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئورماننى ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كەسكەن ۋە كەلسە - كەلمەس كەسكەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) 5 - ماددا ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرنى ھازىرلاپ، مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 345 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئورمانلارنى كەلسە - كەلمەس كېسىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ: (1) ئورمانچىلىقنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ تەستىقىنى ئالمىغان ياكى ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت، سان، دەرەخ تۈرى ياكى ئۇسۇللارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئورنى ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورمان ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى كەسكەنلەر؛ (2) ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن ساندىن ئاشۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورمان ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى كەسكەنلەر. ئورماننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا قارىتا تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان بىر تەرەپ ئورماننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بېكىتىلىشتىن بۇرۇن، ئورمان ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئۆز ئالدىغا كەسكەنلەردىن، مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرى ئورماننى كەلسە - كەلمەس كېسىش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 6 - ماددا كەلسە - كەلمەس كەسكەن ئورماننىڭ <مىقدارى كۆپرەك> بولۇشتا، 10 دىن 20 كۇب مېتىرغىچە بولغان ياغاچ ياكى 500 تۈپتىن 1000 تۈپكىچە بولغان كۆچەت باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ؛ كەلسە - كەلمەس كەسكەن ئورماننىڭ <مىقدارى ناھايىتى كۆپ> بولۇشتا، 50 دىن 100 كۇب مېتىرغىچە بولغان ياغاچ ياكى 2500 تۈپتىن 5000 تۈپكىچە بولغان كۆچەت باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ. 7 - ماددا بىر يىل ئىچىدە ئاز مىقداردىك كۆچەتنى كۆپ قېتىم ئوغرىلىقچە كەسكەن، كەلسە - كەلمەس كەسكەن ئورمىنىنىڭ مىقدارىنى يغىپ ھېسابلاپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. 8 - ماددا ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كەلسە - كەلمەس كەسكەن ھەم جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 344 -، 345 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا، بىر قەدەر ئېغىر جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىش كېرەك. 17 - ماددا بۇ ئىزاھاتتا بەلگىلەنگەن ئورمان سانى كۇب ياغاچ بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەسلىدىكى ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ يىغىندىسىدىن شۇ دەرەختىن چىقىرىۋەتكەن ماتېرىيالنىڭ نىسبىتىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ. بۇ ئىزاھاتتا دېيىلگەن <كۆچەت> دىئامېتىرى بەش مىللىمېتىردىن تۆۋەن دەرەخنى كۆرسىتىدۇ. كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەرەخلەرنىڭ سانى، كېسىلگەن رايوننى تەكشۈرۈپ لايىھىلەشكە رۇخسەت قىلىنغان خاتالىق پەرقىنى سوممىدىن يۇقىرى ھېسابلاش كېرەك. 18 - ماددا بامبۇك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ ئوغرىلىقچە كېسىپ، كەلسە - كەلمەس كېسىپ بامبۇك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقارغانلارغا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش مەسىلىسىدە، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى بېكتىشى ھەمدە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشى كېرەك. 19 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 4 - ماددىسى، 6 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مىقدار ئۆلچىمى ئىچىدە، ئۆز رايونى ئىجرا قىلىدىغان كونكرېت مىقدار ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشى كېرەك. <ئورمان قانۇنى> 39 - ماددا (مەزكۇر كىتابنىڭ 463 - بېتىدىكى <دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كېسىش جىنايىتى> دىن پايدىلىنىڭ).
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
دەل - دەرەخلەرنى كەلسە - كەلمەس كېسىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki