پۇل - ماللارنى قەستەن ۋەيران قىلىۋېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى قەستەن ۋەيراق قىلغان، مىقدارى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جامائەت ۋە شەخسلەرنڭ مال - مۈلكىگە زىيان سالغان ياكى ۋەيران قىلغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
275 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى قەستەن ۋەيران قىلغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى
(1986 - يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى)
38 - ماددا پوچتا ساندۇقى قاتارلىق پوچتا جامائەت ئىشلىرى ئەسلىھەلىرىنى قەستەن بۇزغان، لېكىن جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلار <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى> نىڭ 25 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.
قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 156 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.