UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقورال - جابدۇقلارنىڭ سەپلەپ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىش جىنايىتى

قورال - جابدۇقلارنىڭ سەپلەپ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ قورال - جابدۇق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - جابدۇقلارنىڭ سەپلەر ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ قورال - جابدۇقلارنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قورال - جابدۇقلارنى ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - جابدۇقلارنىڭ سەپلەپ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 437 - ماددا قورال - جابدۇق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - جابدۇقلارنىڭ سەپلەپ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قورال - جابدۇقلارنىڭ سەپلەپ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki