UyghurWiki›422 جىنايەت›دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتىدىغانلارغا چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ بېرىش جىنايىتى
دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتىدىغانلارغا چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پاسپورت، ۋىزا بېجىرىش ياكى باشقا چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل خادىملارنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىپ بېرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ بېرىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى پاسپورت، ۋىزا ۋە باشقا چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل دۆلەت خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
415 - ماددا پاسپورت، ۋىزا بېجىرىش ياكى چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرگە بىلىپ تۇرۇپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىپ بەرسە ياكى چېگرا مۇداپىئە ئورگىنى، تاموژنا ئورگىنى قاتارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كېتىدىغانلارنى بىلىپ تۇرۇپ قويۇۋەتسە، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك؛
پاسپورت، ۋىزا، شۇنىڭدەك كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن پاسپورت، ۋىزا، شۇنىڭدەك چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىش جەريانىدا دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرگە بىلىپ تۇرۇپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىپ بەرگەنلەرگە دېلو ئېچىش لازىم.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمگە قانۇنغا خىلاپ ھالدا گۇۋاھنامە بېجىرىپ بەرگەن بولسا؛
(2) ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپ ھالدا گۇۋاھنامە بېجىرىپ بەرگەن بولسا؛
(3) جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىگە قانۇنغا خىلاپ ھالدا گۇۋاھنامە بېجىرىپ بەرگەن بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) بەشتىن ئارتۇق ئادەمگە قانۇغا خىلاپ ھالدا گۇۋاھنامە بېجىرىپ بەرگەن بولسا؛
(2) بەش قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپ ھالدا گۇۋاھنامە بېجىرىپ بەرگەن بولسا؛
(3) ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىگە قانۇنغا خىلاپ ھالدا گۇۋاھنامە بېجىرىپ بەرگەن بولسا.