ئۇرۇش مەزگىلىدە قىسىمدىن قاچقان ھەربىينى يوشۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ _ ئۇرۇش مەزگىلىدە قىسىمدىن قاچقان ھەربىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا يوشۇرۇندىغان جاي، پۇل - مال ھازىرلاپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قوشۇننىڭ ئۇرۇش قىلىش مەنپەئەتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە قىسىمدىن قاچقان ھەربىيلەرگە يوشۇرۇنىدىغان جاي، پۇل - مال ھازىرلىغان قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
379 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە قىسىمدىن قاچقان ھەربىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا يوشۇرۇنىدىغان جاي، پۇل - مال ھازىرلاپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.