UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتھەربىي مەخپىيەتلىكنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى

ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ ھەربىي مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغان قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 432 - ماددا دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش قازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki