خىيانەتچىلىك جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، جامائەتنىڭ پۇل - مېلىنى يەپ كېتىش، ئوغرىلاش، ئالداپ ئېلىۋېلىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكت بولىدۇ، يەنى ئۇ دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشتىكى پاكلىق تۈزۈمى ۋە جامائەت مال - مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ئىبارەت.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ۋەزىپىسدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى يەپ كېتىش، ئوغرىلاش، ئالداپ ئېلىۋېلىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبېيكت، يەنى دۆلەت خادىملىرىلا بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
382 - ماددا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ جامائەتنىڭ پۇل - مېلىنى يەپ كېتىشى، ئوغرىلىشى، ئالداپ ئېلىۋېلىشى ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشى خىيانەتچىلىك جىنايىتى بولىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دۆلەت مال - مۈلكىنى باشقۇرۇۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان خادىملار ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ پۇل - مېلىنى يەپ كەتكەن، ئوغرىلىغان، ئالداپ ئېلىۋالغان ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان بولسا، خىيانەتچىلىك دەپ قارىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەن خادىملار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شېرىكلىشىپ خىيانەت قىلغانلار ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
383 - ماددا خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە قىلمىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛
(1) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرىلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛
(2) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئادە ئېغىر بولغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛
(3) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە بىر يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، شەخسىي خىيانەت سوممىسى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن، جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن توۋا قىلىپ، ھارامنى ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇرغانلارغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ، ئۇلارغا ئۆز ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛
(4) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 5000 يۈەنگە يەتمىسىمۇ، قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۆز ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
271 - ماددا شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىك قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئورنىنىڭ پۇل - ماللىرىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىدىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.
دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورنىدىن دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلگەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 382 -، 383 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
183 - ماددا سۇغۇرتا شىركىتى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىپ، كۆز بوياپ تۆلە، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 271 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت سۇغۇرتا شىركىتى خادىملىرىدىن ۋە دۆلەت سۇغۇرتا شىركىتىدىن دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان سۇغۇرتا شىركىتىگە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلگەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 382 - ۋە 383 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
كۆپ قېتىم خىيانەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغانلارغا خىيانەت سوممىسىنىڭ يىغىندىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
394 - ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن مەملىكەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت پائالىيىتىدە ياكى تاشقى ئالاقىدە كۆپرەك سوۋغات قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ تاپشۇرمىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 382 -، 383 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
93 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خادىملىرى دۆلەت ئورگانلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەتلەر، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلگەن خادىملار، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا خادىملار دۆلەت خادىمى دەپ قارىلىدۇ.
91 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان جامائەت مال - مۈلكى تۆۋندىكى مال - مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ؛
(1) دۆلەت مال - مۈلكى؛
(2) ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال - مۈلكى؛
(3) نامراتلارنى يۆلەش ۋە باشقا جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىجتىمائىي ئىئانە ياكى مەخسۇس فوند مال - مۈلكى.
دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كوللېكتىپ كارخانىلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى باشقۇرۇۋاتقان، ئىشلىتىۋاتقان ياكى توشۇۋاتقان خۇسۇسىي مال - مۈلۈك جامائەت مال - مۈلكى ھېسابلىنىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 93 - ماددىسى 2 - تارمىقى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق كەنت ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىكى خادىملار قايسى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغاندا جىنايى ئىشلار قانۇنى 93 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا خادىملار> غا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز؛
كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق كەنت ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىكى خادىملار خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ تۆۋەندىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، جىنايى ئىشلار قانۇنى 93 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار> غا كىرىدۇ:
(1) ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئاجرىتىلغان پۇل - ماللارنى باشقۇرۇش؛
(2) جامائەت پاراۋانلىقىغا جەمئىيەتتنى ئىئانە قىلىنغان پۇل - ماللارنى باشقۇرۇش؛
(3) دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنى سېتىش ۋە باشقۇرۇش؛
(4) يەر ئېلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان خىراجەتنى باشقۇرۇش؛
(5) باج پۇلىنى ۋاكالىتەن ئېلىش، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش؛
(6) پىلانلىق تۇغۇت، نوپۇس، ئەسكەر ئېلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر؛
(7) خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىدىغان باشقا مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمەتلىرى.
كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق كەنت ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىكى خادىملار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خىزمىتىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، جامائەتنىڭ پۇل - ماللىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش، جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش، باشقىلاردىن پۇل - مال سوراپ ئېلىش ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىۋېلىش تۈپەيلىدىن جىنايەت شەكىللەنسە، جىنايى ئىشلار قانۇنى 382 - ماددىسى ۋە 383 - ماددىسىدىكى خىيانەتچىلىك جىنايىتى، 384 - ماددىسىدىكى جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى، 385 - ماددىسى ۋە 638 - ماددىسىدىكى پارا ئېلىش جىنايىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
خىيانەتچىلىك جىنايىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك:
1( شەخسىي خىيانەت سوممىسى 5000 يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛
2) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 5000 يۈەنگە يەتمىسىمۇ، ئاپەتتىن ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، كەلكۈدىن مۇداپىئەلىنىش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېتىبار بېرىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالە كۆچۈرۈش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش پۇل - ماللىرى ۋە ئىئانە پۇل - ماللىرى، ھارام پۇل، ھارام ماللار، جەرىمانە، مۇسادىرە پۇل - ماللىرى؛ ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنغان پۇل - ماللارنى خىيانەت قىلىش، شۇنىڭدەك خىيانەت ۋاسىتىسى قەبىھ بولۇپ، دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ھارام مالنى يۆتكىۋېتىشكە ئوخشاش قىلمىشلار بولسا.
بۇ بابتا كۆرسىتىلگەن ھەربىر جىنايەتنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلاردا 2002 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان <دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلىرىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇش، سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش ئۆلچىمى> دېگەن كىتابتىن پايدىلىنىڭ.