UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمۇھىتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى

مۇھىتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، زور مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىس تۇغدۇرۇپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان ياكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش، يارىلىنىشىدىن ئىبارەت ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراشنى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، زور مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جامائەت مال - مۈلكىنىڭ زور زىيانغا ئۇچرىشىنى ياكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىدىن، يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 408 - ماددا مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ زور مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسىنى تۇغدۇرۇپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان ياكى تالاپەت پەيدا قىلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1) سالغان بىۋاستە ئىقتسادىي زىيان 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ 2) بىردىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى ياكى ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ياكى 10 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يېنىك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 3) مەلۇم دائىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەن - سالامەتلىكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛ 4) جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان ياكى تالاپەت پەيدا قىلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان باشقا ئەھۋاللار بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) سالغان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ (2) ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى بەشتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ (3) مەلۇم رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا. 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) سالغان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان ئۈچ مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ (2) بەشتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى 10 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ (3) مەلۇم رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
مۇھىتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki