UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئورۇن پارا بېرىش جىنايىتى

ئورۇن پارا بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئورۇنلارنىڭ نامۇۋاپىق مەنپەئىتىنى كۆزلەپ پارا بەرگەن ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خادىملىرىغا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەن قىلمىشى ئېغىر بولغان ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئورگانلىرى، شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى ۋە فۇنكىسىيىلىك پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئورۇننىڭ نامۇۋاپىق مەنپەئىتىنى كۆزلەپ پارا بەرگەن ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت خادىملىرىغا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەن، قىلمىشى ئېغىر بولغان ھەرىكەت بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئورۇن بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 393 - ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ پارا بەرگەن ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خادىملىرىغا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەن ئورۇنلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، پارا بېرىپ ئېرىشكەن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 389 - ۋە 390 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) ئورۇن پارا بېرىش جىنايىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1) ئورۇن بەرگەن پارا سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ 2) ئورۇن نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ بەرگەن پارا سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق، 200 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسا؛ (1) قانۇنسىز مەنپەئەتنى كۆزلەپ پارا بەرگەن بولسا؛ (2) ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمگە پارا بەرگەن بولسا؛ (3) پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئەدلىيە خادىملىرى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارغا پارا بەرگەن بولسا؛ (4) دۆلەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا. پارا بېرىپ ئېرىشكەن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلارغا مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ شەخسىي پارا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە دېلو ئېچىپ، ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت