UyghurWiki›422 جىنايەت›دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز كېسىش ۋە ۋەيران قىلىش جىنايىتى
دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز كېسىش ۋە ۋەيران قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز كەسكەن ۋە ۋەيران قىلغان قىلمىشقا قارىتىلغان.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى، نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە - ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز كەسكەن ۋە ۋەيران قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 344 - ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: <دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز كەسكەن، ۋەيران قىلغانلار ياكى ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان، پىششىقلاپ ئىشلىگەن، ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ>.
346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىك 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)
ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بۇنداق دېلولارنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بىر نەچچە مەسىلە ئۈستىدە تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز:
1 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 344 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخ> ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى باشقا تارماقلار بېكىتكەن چوڭ تارىخىي خاتىرلىك ئەھمىيىتىنى ھازىرلىغان، ئىلمىي تەتقىقات قىممىتى بولغان ياكى تارىخى ئۇزۇن بولغان قەدىمكى دەل - دەرەخلەر، دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان، چەكلىگەن ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەر، شۇنداقلا دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن دەل - دەرەخلەرنى كۆرسىتىدۇ.
2 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرنى سادىر قىلىپ، ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى قانۇنسىز كەسكەن ۋە ۋەيران قىلىش قىلمىشىدا بولغانلار <قىلمىشى ئېغىر بولغانلار> غا كىرىدۇ:
(1) قانۇنسىز كەسكەن ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخ ئىككىدىن ئاشسا ياكى ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىپ، ئۈچتىن ئارتۇق ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا؛
(2) قانۇنسىز كەسكەن ئەتىۋارلىق دەل - دەرىخى ئىككى كۇب مېتىردىن ئاشسا؛
(3) ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى قانۇنسىز كېسىشكە ياكى ۋەيران قىلىشقا تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، قوماندانلىق قىلغان بولسا؛
(4) باشقا ئېغىر قىلمىشى بولسا.
8 - ماددا ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە، كەلسە - كەلمەس كەسكەن ھەم جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 344 -، 345 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا، بىرقەدەر ئېغىر جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىش كېرەك.
16 - ماددا ئورۇن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 334 - ماددىسى، 345 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى سادىر قىلسا، جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشتە مۇشۇ ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
17 - ماددا بۇ ئىزاھاتتا بەلگىلەنگەن ئورمان سانى كۆپ ياغاچ بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەسلىدىكى ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ يىغىندىسىدىن شۇ دەرەختىن چىقىرىۋەتكەن ماتېرىيالنىڭ نىسبىتىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ.
بۇ ئىزاھاتتا دېيىلگەن <كۆچەت> دىئامېتىرى بەش مىللىمېتىردىن تۆۋەن دەرەخنى كۆرسىتىدۇ.
كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەرەخلەرنىڭ سانى، كېسىلگەن رايونى تەكشۈرۈپ لايىھىلەشكە رۇخسەت قىلىنغان خاتالىق پەرقىنى سوممىدىن يۇقىرى ھېسابلاش كېرەك.