پۇل يۇيۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - زەھەرلىك بۇيۇم جىنايىتى، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات جىنايىتى ۋە ئەتكەسچىلىك جىنايىتىدىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ۋە خاراكتېرىنى پەردازلاش ۋە يوشۇرۇش مەقسىتىدە مەبلەغ ئىسچوتىنى بەرگەن، مال - مۈلۈكنى نەق پۇلغا ياكى پۇل مۇئامىلە چەك ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا ياردەم بەرگەن؛ مېمورىئال راسچوت قىلىش ياكى باشقا راسچوت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مەبلەغنى يۆتكىۋېتىشكە ياردەم بەرگەن؛ مەبلەغنى چېگرا سىرتىغا پېرېۋوت قىلىۋېتىشكە ياردەم بەرگەن؛ جىنايەتتىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەنبەسىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن پەردازلىغان ۋە يوشۇرغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى زەھەرلىك بۇيۇم جىنايىتى، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات جىنايىتى ۋە ئەتكەسچىلىك جىنايىتىدىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ۋە خاراكتېرىنى پەردازلاش ۋە يوشۇرۇش مەقسىتىدە، پۇل يۇيۇش قىلمىشىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولىدۇ: بىرىنچى، مەبلەغ ئىسچوتىنى بەرگەن. ئىككىنچى، مال - مۈلۈكنى نەق پۇلغا ياكى پۇل مۇئامىلە چەك ھۆججتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا ياردەم بەرگەن. ئۈچىنچى، مېمورىئال راسچوت قىلىش ياكى باشقا راسچوت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مەبلەغنى يۆتكىۋېتىشكە ياردەم بەرگەن، تۆتىنچى، مەبلەغنى چېگرا سىرتىغا پېرېۋوت قىلىۋېتىشكە ياردەم بەرگەن. بەشىنچى، جىنايەتتىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەنبەسىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن پەردازلىغان ۋە يوشۇرغان قىلمىشلار.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت، يەنى تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
191 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم جىنايىتى، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات جىنايىتى ۋە ئەتكەسچىلىك جىنايىتىدىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە خاراكتېرىنى پەردازلاش، يوشۇرۇش مەقستىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلرنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تاپقان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل قىلغان پايدىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىبېرىلىدۇ، يۇيغان پۇل سوممىسىنىڭ %5 دىن يۇقىرى، %20 دىن تۆۋەن قوشۇمچە يكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، يۇيغان پۇل سوممىسىنىڭ %5 دىن يۇقىرى، % 30دىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) مەبلەغ ئىسچوتىنى بەرگەنلەر؛
(2) مال - مۈلۈكنى نەق پۇلغا ياكى پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججىتىگەئايلاندۇرۇۋېلىشقا ياردەم بەرگەنلەر؛
(3) مېمورىئال راسچوت قىلىش ياكى باشقا راسچوت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مەبلەغنى يۆتكىۋېتىشكە ياردەم بەرگەنلەر؛
(4) مەبلەغنى چېگرا سىرتىغا پېرېۋوت قىلىۋېتىشكە ياردەم بەرگەنلەر؛
(5) جىنايەتتىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەنبەسىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن پەردازلىغان ۋە يوشۇرغانلار.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
زەھەر جىنايىتى، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات جىنايىتى ۋە ئەتكەسچىلىك جىنايىتىدىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە خاراكتېرىنى پەردازلاش، يوشۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) مەبلەغ ئىسچوتىنى بەرگەنلەر؛
2) مال - مۈلۈكنى نەق پۇلغا ياكى پۇل مۇئامىلە چەك - ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا ياردەم بەرگەنلەر؛
3) مېمورىئال راسچوت قىلىش ياكى باشقا راسچوت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مەبلەغنى يۆتكىۋېتىشكە ياردەم بەرگەنلەر؛
4) جىنايەتتىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەنبەسىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن پەردازلىغان ۋە يوشۇرغانلار.