خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قەستەنلىك بىلەن ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇللىرىدىن باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت ئامانلىقىغا خەۋەپ يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى (خاسلىققا ئىگە بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ياكى ئومۇمنىڭ، شەخسلەرنىڭ مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى) بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، خەتەرلىك بۇيۇملارنى سېلىش ئۇسۇللىرىدىن باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
114 - ماددا ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.