UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى

دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخارنىلار، كەسپىي ئورۇنلاردىك خادىملارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ ياكى ۋەيران قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ ياكى ۋەيران قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنىڭ زور زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى پەقەت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىلا بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 168 - ماددا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى پەيدا قىلغان ياكى ئېغىر زىيان سالغان، دۆلەت مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. دۆلەت كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە بىرىنچى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) دۆلەتنى 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛ 2) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويۇشى ياكى ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ 3) يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت