UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتپارتلىتىش جىنايىتى

پارتلىتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قەستەن پارتلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مەل - مۈلكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ، زەخىملەندۈرۈپ، جامائەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى (خاسلىققا ئىگە بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ياكى مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى) بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى پارتلىغۇچى بۇيۇمنى ئىشلىتىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن پارتلاش پەيدا قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ (14 ياشقا توشقان). 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 114 - ماددا ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك رادىئو ئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلرنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت