ھۆكۈم، كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ئىجرا قىلمىغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كىسىملەرنى نورمال ئىجرا قىلىش پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم، كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىدىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم، كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان ھەم ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
313 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ئىجرا قىلمىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1998 - يىل 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى)
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 1313 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى توغرا تەتبىقلاش، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنىڭ ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىلدى:
1 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 313 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرى> خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە چىقارغان، ئىجرا مەزمونى بولغان ھەمدە قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
2 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى <ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بولۇش>، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشكەن دەلىل - ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىلەرنىڭ ئىجرا قىلغۇدەك مال - مۈلكى ياكى مۇئەييەت ھەرىكەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلماسلىق <قىلمىشى ئېغىر> دەپ بېكىتىش كېرەك:
(1) خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئۇقتۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ئىدىتلانغان ھەمدە ساقلاشقا تاپشۇرۇلغان مال - مۈلۈكنى يوشۇرۇپ، يۆتكىۋېتىپ، سېتىۋېتىپ، بۇزۇۋېتىپ، توڭلىتىلغان مال - مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىپ، ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويغانلار؛
(2) ئىجرادا خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېپىللىك بەرگەن مال - مۈلۈكنى يوشۇرۇپ، يۆتكىۋېتىپ، سېتىۋېتىپ، بۇزۇۋېتىپ ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويغانلار؛
(3) زورلۇق ئىشلىتىپ تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئىجراغا دەخلى يەتكۈزۈپ ياكى قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىجرا خىزمىتى ئىشلەشكە ئامالسىز قىلىپ قويغانلار؛
(4) ئىجرا مەيدانىدا توپلىشىپ غوۋغا چىقىرىپ ۋە ئىجرا مەيدانىغا بېسىپ كىرىپ، ئىجرا خادىملىرىنى قورشىۋېلىپ، تۇتۇۋېلىپ ۋە ئۇرۇپ ئىجرا خىزمىتى ئىشلەشكە ئامالسىز قىلىپ قويغانلار؛
(5) ئىجرا دېلوسى ماتېرىيالى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلى ۋە باشقا ئىجرا ئۈسكۈنە - سايمىنى، ئىجرا خادىملىرىنىڭ فورمىسى، شۇنىڭدەك ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى بۇزۇۋېتىپ، تارتىۋېلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛
(6) ئىجراغا باشقا يوللار بىلەن دەخلى يەتكۈزۈپ ياكى قارشىلىق كۆرسىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار.
4 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان ئورۇننىڭ بىۋاستە مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا جاۋابكارلىرى ئۆز ئورنىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 3 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، شۇ مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 313 - بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ بېكىتىلىپ جازاغا تارتىلىدۇ.
5 - ماددا ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 3 - ماددىسىنىڭ (3)، (4)، (5)، (6) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرى ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلمىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
6 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنىڭ ئىجراسىغا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئىجرا خادىملىرىنى ئۆلتۈرگەن، ئېغىر زەخىملەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 232 -، 234 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جىنايەت بېكىتىلىپ جازاغا تارتىلىدۇ.
7 - ماددا ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق دېلولىرى جىنايى قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
8 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلماسلىق قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنى ئالدى بىلەن ئەدلىيە ئىشلىرى بويىچە توختىتىپ قويسا بولىدۇ. ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلغۇچىنىڭ قىلمىشىنى جىنايەتكە توشىدۇ دەپ قارىسا، قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ دېلو ئېچىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلغۇچىغا جىنايەت بېكىتىپ جازا ھۆكۈم قىلغاندا، ئەدلىيە ئىشلىرى بويىچە ئالدىن توختىتىپ قويغان ۋاقتىنى جازا مۇددىتىگە سوندۇرۇپ ھېسابلىشى لازىم.
«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 313 - ماددىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» دىن پايدىلىنىڭ
(2002 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)