UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيادرو ماتېرىيالى ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى

يادرو ماتېرىيالى ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - تاموژنا قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، يادرو ماتېرىياللىرىنى توشۇش، ئېلىپ مېڭىش، پوچتىدىن يوللاش ئارقىلىق چېگرادىن ئەكىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى تاموژنا قانۇنى ۋە دۆلەتنىڭ يادرو ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قانۇنسىز يادرو ماتېرىياللىرىنى توشۇش، ئېلىپ مېڭىش، پوچتىدىن يوللاش ئارقىلىق چېگرادىن ئەكىرگن، ئېلىپ چىققان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 151 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، يادرو ماتېرىيالى ياكى يالغان پۇل ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 1 -، 2 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ ماددىنىڭ تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 115 - ماددا، 156 - ماددا ۋە 157 - ماددىلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 78 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
يادرو ماتېرىيالى ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki