UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتسوتخانا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى

سوتخانا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - سوتخانا توپلىشىپ غوۋغا كۆتۈرۈپ، سوتخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ياكى ئەدلىيە خادىملىرىنى ئۇرۇپ، سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - سوتخانىنىڭ سوت ئېچىپ دېلو تەكشۈرۈش نورمال پائالىيىتى ۋە تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە توپلىشىپ غوۋغا كۆتۈرۈپ، سوتخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ياكى ئەدلىيە خادىملىرىنى ئۇرۇپ، سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ يەنى تەبىئىي ئادەم بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئورۇنلار بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالمايدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 309 - ماددا سوتخانىدا توپلىشىپ غوۋغا كۆتۈرۈپ، سوتخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ياكى ئەدلىيە خادىملىرىنى ئۇرۇپ، سوتخاتا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدى تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى 161 - ماددا سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، دەۋا ئىشتىراكچىلىرى ياكى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىغۇچىلاردىن سوت تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى باش سوتچى ئاگاھلاندۇرۇپ توسۇشى كېرەك. گەپ ئاڭلىمىغانلار سوتتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسە بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 1000 يۈەندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇشنى مەھكىمە باشلىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. جازالانغۇچىلاردىن مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە ئىجرا توختىتىلمايدۇ. سوتتا توپلىشىپ جېدەل چىقارغان، سوتقا بېسىپ كىرگەن ياكى ئەدلىيە خادىملىرىغا ياكى دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا ھاقارەت قىلغان، بوھتان چاپلىغان، تەھدىت سالغان، ئۇلارنى ئۇرغانلاردىن سوت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەستىق جاۋابى (1994 - يىل 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى) س ج
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت