UyghurWiki›422 جىنايەت›قورال - ياراغ، ئوق - دورا، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمان، خەتەرلىك بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئېلىپ يۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى
قورال - ياراغ، ئوق - دورا، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمان، خەتەرلىك بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئېلىپ يۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورا، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمانلارنى ياكى پارتلاپ كېتىدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى، رادىئوئاكتىپلىق، زەھەرلىك، چىرىتكۈز بۇيۇملارنى ئېلىپ جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىپ ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت سورۇنلىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەرتىپى بولىدۇ ھەمدە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمانلار ۋە باشقا خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ جامائەت سورۇنلىرىغا كىرگەن ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقىپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگ خەۋپ يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىدا قەستەنلىك بولىدۇ.
130 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمانلارنى ياكى پارتلاپ كېتىدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى، رادىئوئاكتىپلىق، زەھەرلىك، چىرىتكۈز بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئېلىپ جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىپ ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى
44 - ۋە 46 - ماددىلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 50 -، 51 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.