UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتپارا ئېلىش جىنايىتى

پارا ئېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ، ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت خادىملىرىنىڭ جامائەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىنىڭ پاكلىقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى دۆلەت خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە پارا ئېلىش قىلمىشى بىۋاسىتە قەستەنلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. 385 - ماددا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ، ئۇلارغا مەنپەئەت يەتۈزۈشى پارا ئېلىش جىنايىتى بولىدۇ. دۆلەت خادىملىرىدىن ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نام بىلەن ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلار پارا ئالغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 386 - ماددا پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالغان پارا سوممىسىغا ۋە قىلمىشىغا قاراپ مۇشۇ قانۇننىڭ 383 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ، پارا تەلەپ قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 388 - ماددا دۆلەت خادىملىرى ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن ياكى مەرتىۋىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پۇل - مال تەلەپ قىلسا ياكى ئالسا، پارا ئالغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 184 - ماددا بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن پۇل مۇئامىلە كەسپى پائالىيەتلىرىدە باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى پۇل - مالنى قانۇنسىز ئېلىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەنلەرگە ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ تۈرلۈك نامدىكى ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 163 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن ۋە دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلگەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 385 - ۋە 386 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 163 - ماددا ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەەن شىركەت ۋە كارخانا خادىملىرىدىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ. ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نامدىكى ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان شىركەت ۋە كارخانا خادىملىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. دۆلەت شىركەتلىرى ۋە كارخانىلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار ۋە دۆلەت شىركەتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرىدىن دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت ۋە كارخانىلارغا ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلگەن خادىملاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 385 -، 386 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 399 - ماددا نەپسانىيەتچىلىك ۋە يۈز - خاتىر قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ جاۋابكارلىققا تارتقان، جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغان ئەدلىيە خادىملىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەنمۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ھەق تەلەپ، مەمۇرىي سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئادددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئەدلىيە خادىملىرىدىن پارىخورلۇق قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇشۇ قانۇننىڭ 385 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنىمۇ شەكىللەندۈرگەنلەر ئېغىرراق جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالىنىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 93 - ماددىسى 2 - تارمىقى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى <خىيانەتچىلىك جىنايىتى> (مۇشۇ كىتابنىڭ 153 - بېتى) گە قاراڭ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) پارا ئېلىش جىنايىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1) شەخسىي پارا ئالغان سوممىسى 5000 يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ 2) شەخسىي پارا ئالغان سوممىسى 5000 يۈەنگە يەتمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسا؛ (1) پارا ئالغانلىقتىن دۆلەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى زور زىيانغا ئۇچرىغان بولسا؛ (2) مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، شەخسلەرنى قەستەن قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ، زورلاپ يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا؛ (3) پۇل - مال بېرىشكە قىستىغان بولسا. بۇ جىنايەتكە ئالاقىدار باشقا ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلار 2002 - يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان <دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلىرىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇش، سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش ئۆلچىمى> دېگەن كىتابىنىڭ 72 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت