دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتىدىغانلارنى قويۇۋېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - چېگرا مۇداپىئە، تاموژنا قاتارلىق دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى قويۇۋېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتىدىغانلارنى قويۇۋېتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - چېگرا مۇداپىئە، تاموژنا قاتارلىق دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
415 - ماددا پاسپورت، ۋىزا بېجىرىش ياكى چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرگە بىلىپ تۇرۇپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىپ بەرسە ياكى چېگرا مۇداپىئە ئورگىنى، تاموژنا ئورگىنى قاتارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كېتىدىغانلارنى بىلىپ تۇرۇپ قويۇۋەتسە، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك؛
چېگرا مۇداپىئە، تاموژنا قاتارلىق ئورۇنلاردىكى دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقاندا دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتىدىغانلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەنلەرگە دېلو ئېچىش كېرەك.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا چېگرادىن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسا؛
(2) ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپ ھالدا چېگرادىن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسا؛
(3) جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا چېگرادىن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) بەشتىن ئارتۇق ئادەمنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا چېگرادىن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسا؛
(2) بەش قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپ ھالدا چېگرادىن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسا؛
(3) ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا چېگرادىن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسا.