ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ئورگىنىنىڭ كارانتىن قىلىنىدىغان نەرسىلەرنى كارانتىن قىلماي ياكى كارانتىن ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ چېگرادىن كىرگەن - چىققان ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، كارانتىن قىلىنىدىغان ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلماي ياكى كارانتىن ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىش، خاتا چىقىرىش، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ئورگىنىنىڭ كارانتىن خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
413 - ماددا 2 - تارماق يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، كارانتىن قىلىنىدىغان نەرسىلەرنى كارانتىن قىلماي ياكى كارانتىن ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغار دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش لازىم؛
1) كارانتىن قىلماي ياكى كارانتىن ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ، قانۇن بويىچە ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنماي قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، توختام، زاكاز تالونىنىڭ بىكار قىلىنىشى ياكى چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ بىزدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ۋە ياكى چەت ئەللىك سودىگەرلەردىن تۆلەم تەلەپ قىلىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛
2) كارانتىن قىلماي ياكى كارانتىن ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، تارقىلىشى ياكى كېڭىيىشىگە سەۋەبچى بولغان بولسا؛
3) كارانتىن قىلماسلىق ياكى كارانتىن ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىش، خاتا چىقىرىش، خاتا چىقىرىش تۈپەيلىدىن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى مېيىپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا؛
4) ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق كارانتىن قىلماي ياكى كارانتىن ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ تاشقى ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛
(2) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(3) بەش قېتىمدىن ئارتۇق كارانتىن قىلمىغان ياكى كارانتىن ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئۈچ مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛
(2) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ، بەشتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(3) يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق كارانتىن قىلمىغان ياكى كارانتىن ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ تاشقى ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن بولسا.