UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتخەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە سەۋەنلىك بىلەن خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى

خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە سەۋەنلىك بىلەن خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئوت كەتكۈزۈۋېتىش، سەۋەنلىك بىلەن يار قويۇۋېتىش، سەۋەنلىكى بىلەن پارتلىتىش، سەۋەنلىك بىلەن خەتەرلىك بۇيۇملارنى تاشلاش قاتارلىقلاردىن باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق سەۋەنلىك بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان جىنايەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەت خەۋپسىزلىكى (كۆپ ئادەملەرنڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ياكى جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ زور مىقداردىكى مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى) بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئوت كەتكۈزۈۋېتىش، سەۋەنلىك بىلەن يار قويۇۋېتىش، سەۋەنلىك بىلەن پارتلىتىش، سەۋەنلىك بىلەن خەتەرلىك بۇيۇملارنى تاشلاش قاتارلىقلاردىن باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئادەملەرنىڭ زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنڭ زور مىقداردا زىيانغا ئۇچرىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغرا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت