دۆلەت مۈلكىنى شەخسىي بۆلۈشۈۋېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتكە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج ياكى باشقا دۆلەت مۈلكىنى ئورۇن نامىدا كوللىكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋالغان، سوممىسى خېلى كۆپ بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت مال - مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، يەنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۈلكىگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ئىبارەت.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى ئىپادىلىنىشى؛ (1) دۆلەت ئورگىنى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى، تەشكىلاتلىرى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. (2) ئورۇن نامىدا كوللېكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋالغان سوممىسى خېلى كۆپ بولىدۇ.
3. سۇبېيكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى دۆلەت ئورگىنى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى بىۋاسىتە مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە باشقا بىۋاسىتە مەسئۇل خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاسىتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
396 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى ئورۇن نامىدا كوللېكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋالغان دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئەدلىيە ئورگانلىرى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگانلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان جەرىمانە، مۇسادىرە پۇل - ماللىرىنى ئورۇن نامىدا كوللېكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋالغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخسىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
دۆلەت مۈلكىنى شەخسىي بۆلۈشۈۋېلىش جىنايىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
جەمئىي 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى دۆلەت مۈلكىنى بۆلۈشۈۋالغانلارغا دېلو ئېچىش كېرەك.