يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش، ھايىنىغا سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قىلمىش سادىر قىلغۇچى پايدا تېپىش مەقسىتىدە، يەر باشقۇرۇش قانۇن - نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باشقىلارغا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن ۋە ھايىنىغا ساتقان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى نورمال باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى يەر باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ھايىنىغا ساتقان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. كونكرېت تۆۋەندىكى ئىككى خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، يەنى مۇناسىۋەتلك يەر باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دۆلەتنىڭ ياكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ ئىككىنچى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھايىنىغا سېتىش، يەنى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ، يۇقىرى باھادا سېتىپ پايدا ئالغان بولۇش، پەقەت قىلمىش ئېغىر بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا بۇ جىنايەت شەكىللىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
228 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە، يەر باشقۇرۇش قانۇنى، ئورمان قانۇنى، يايلاق قانۇنى قاتارلىق قانۇنلار ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي نىزاملارنىڭ يەر باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن ۋە ھايىنىغا ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش، ھايىنىغا سېتىش سوممىسىنىڭ %5 ىدىن يۇقىرى، %20 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش، ھايىنىغا سېتىش سوممىسىنىڭ % 5ىدىن يۇقىرى، %20 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
پايدا تېپىش مەقسىتىدە، يەر باشقۇرۇش قانۇن - نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىپ ۋە ھايىنىغا سېتىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) بەش مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ھايىنىغا ساتقان بولسا؛
2) 10 دىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەردىن باشقا يەرنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ھايىنىغا ساتقان بولسا؛
3) 20 مودىن ئارتۇق باشقا يەرلەرنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ھايىنىغا ساتقان بولسا؛
4) قانۇنسىز تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا؛
5) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىپ ۋە ھايىنىغا سېتىپ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە يەرنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ھايىنىغا ساتقان بولسا؛
6) يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا.