UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، يالغان قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋېلىش جىنايىتى

قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، يالغان قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قىلمىش سادىر قىلغۇچى قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەقسىتىدە قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋالغان ياكى يالغان قوشۇلما قىممەت بېجى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قوشۇلما قىمەمت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋالغان ياكى يالغان قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سوبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 208 - ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋالغانلارغا ياكى يالغان قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋالغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋالغان ياكى يالغان قوشۇلام قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋېلىش بىلەنلار قالماي، كۆز بوياپ كەسكەن ياكى ساتقانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 205 -، 206 - ۋە 207 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 211 - ماددىنى مەزكۇر كىتابنىڭ 157 - بېتىدىن كۆرۈڭ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) 25 پارچىدىن ئارتۇق قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋالغان ياكى يالغان قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋالغانلار ياكى سېتىۋالغان يىغىندى سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، يالغان قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋېلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki