UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتپوچتا يوللانمىلىرىنى تەگكۈزۈشنى قەستەن كېچىكتۈرۈش جىنايىتى

پوچتا يوللانمىلىرىنى تەگكۈزۈشنى قەستەن كېچىكتۈرۈش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - پوچتا خادىملىرىنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، پوچتا يوللانمىلىرىنى تەگكۈزۈشنى قەستەن كېچىكتۈرۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پوچتا ئورۇنلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە پوچتا - تېلېگراف ئورۇنلىرىنىڭ ئىناۋىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، پوچتا يوللانمىلىرىنى تەگكۈزۈشنى قەستەن كېچىكتۈرۈپ، جامائەت مال - مۈلكى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيغانغا ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت (پوچتا خادىملىرى) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 304 - ماددا پوچتا خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، پوچتا يوللانمىلىرىنى تەگكۈزۈشنى قەستەن كېچىكتۈرۈپ جامائەت مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. (<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پوچتا قانۇنى> نىڭ 39 - ماددىسىغا قاراڭ)
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت