UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتچېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسىنى سېتىش جىنايىتى

چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسىنى سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - پايدا تېپىش مەقسىتىدە پاسپورت، ۋىزا (چيەنجىڭ) قاتارلىق چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى ساتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ چېگرادىن چىقىش - كىرىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەتنىڭ چېگرادىن چىقىش - كىرىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا پاسپورت، ۋىزا (چيەنجىڭ) قاتارلىق چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى ساتقان قىلمىشنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر ساتقان بولماي ھەدىيە قىلغان بولسا، بۇ جىنايەتنى شەكىللەندۈرمەيدۇ. 320 - ماددا باشقىلارغا ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بەرگەنلەرگە ياكى پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى) 1. دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى 4) چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى سېتىش دېلوسى. (1)چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى ساتقانلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش كېرەك. (2) چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى ساتقانلاردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر ئۈستىدە زور دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك: ① چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسىدىن 5 - 19 نى ساتقان بولسا؛ ② قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرگە چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى ساتقان بولسا؛ ③ قانۇنسىز تاپاۋەت 100 - 200 مىڭ يۈەن بولسا؛ ④ باشقا ئېغىر قىلمىش بولسا. (3) چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسى ساتقانلاردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر ئۈستىدە پەۋقۇلئاددە زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك: ① چېگرادىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىسىدىن 20 دىن ئارتۇقنى ساتقان بولسا؛ ② قانۇنسىز تاپاۋەت 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولسا؛ ③ باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىش بولسا. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2002 - يىل 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يولغا قويغان باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغان، توشۇغان قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا قارىتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئالاقىدار ئىزاھاتنىڭ 4 ـ ماددىسىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت