UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتزەھەر چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى ۋە مايسىلىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش ۋە ئىلكىدە تۇتۇش جىنايىتى

زەھەر چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى ۋە مايسىلىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش ۋە ئىلكىدە تۇتۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىخ تارتىش كۈچىدىن قالمىغان ئەپيۇنگۈل، كەندىر قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى ۋە مايسىلىرىنى توشۇغان، ئېلىپ يۈرگەنلەردىن مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبېيكتى - دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى ۋە مايسىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە بىخ تارتىش كۈچىدىن قالمىغان ئەپيۇنگۈل، كەندىر قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى ۋە مايسىلىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ ساتقان، توشۇغان، ئېلىپ يۈرگەن ۋە ئىلكىدە تۇتقان، مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبېيكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 352 - ماددا بىخ تارتىش كۈچىدىن قالمىغان ئەپيۇنگۈل قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ياكى مايسىلىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ئېلىپ يۈرگەن ۋە ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغانلاردىن مىقدارى كۆپرەكلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. 356 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت